ھەلەبتە ئىرانلىق بىر قوماندان ئۆلتۈرۈلدى

ئىرانلىق بىر قومانداننىڭ سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

630564
ھەلەبتە ئىرانلىق بىر قوماندان ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى فارسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىگە قاراشلىق «تەدمۇر يوقاتقۇچى بىرىگاداسى»  قوماندانى ھەسەن ئەكبەرى، ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشلار ئەسناسىدا زەمبىرەك ئوقى تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خەۋەردە يەنە، ھەسەن ئەكبەرىنىڭ 1980 – 1988 – يىللار ئارىسىدا داۋاملاشقان ئىران – ئىراق ئۇرۇشى غازىسى ئىكەنلىكىمۇ قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىغا مەنسۇپ ئەھمەد جەلالى نەسەبمۇ تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلدى.

سۈرىيەدە بەش يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ھەربىي جەھەتتە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئىران، بۇ دۆلەتتىكى توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 15 گېنېرالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر