ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىكى مۇز قاتلاملىرى ئېرىپ بارماقتا

جوش ماۋرېر ھىمالايادىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ يۈز قىسمىنىڭ ھەر يىلى 25 سانتېمىتىر ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

630302
ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىكى مۇز قاتلاملىرى ئېرىپ بارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلىم ئەھلىلىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن جاسوس سۈنئىي ھەمراھلارنى بۇ قېتىم ھىمالايادىكى مۇھىت ئۆزگىرىش ھادىسىسىنىڭ كۆرۈنۈشىنى تارتىش ئۈچۈن ئىشلەتتى.

مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىپ كېتىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەۋە Hexagon ناملىق جاسوس سۈنئىي ھەمراھ پىروگراممىسىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر بىلەن، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسا ۋە ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلار ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ چىقىلدى.

نىيۇيوركتىكى كولۇمبىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان جوش ماۋرېر، ھىمالايادىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ يۈز قىسمىنىڭ ھەر يىلى 25 سانتېمىتىر ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇز قاتلاملىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئېرىشىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

سۇ بايلىقلىرىغا بېقىندى ھالەتتە ياشايدىغان جانلىقلار بۇ ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماۋرېر، ئېرىپ كەتكەن مۇز قاتلاملىرىنىڭ  مەنبە سۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى قىسقا مۇددەت بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئالدىمىزدىكى 100 يىلدا مەنبە سۇلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر