پايتەخت ۋاشىنگىتوندا مۇسۇلمانلار ئايرىمچىلققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا مۇسۇلمانلارغا ئايرىمچىلىقنى مەزمۇن قىلىدىغان بىر تەكلىپ لايىھەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

629134
پايتەخت ۋاشىنگىتوندا مۇسۇلمانلار ئايرىمچىلققا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «مۇسۇلمانلارنى ئەنگە ئېلىش»مەزمۇن قىلىنغان تەكلىپ لايىھەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار بىلەن كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان سەلبىي پوزىتسىيەلەر بارغانچە كۈچەيمەكتە.

كېلەر يىلى رەسمىي پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلايدىغان دونالد ترامپنىڭ سايلام سەپەۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبى بىر مەسىلىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.

ئامېرىكا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى FBI نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان نەپرەت جىنايىتىدە بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %67 ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تىراگېدىيەلەردىن بىرى بولغان 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ئىكەن.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار كۈندىن-كۈنگە ھېس قىلىۋاتقان تەھدىتلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن  ئۇچراشتى.

پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۇچراشقان مۇسۇلمانلار ترامپ مېھمانخانىسىدىن ئاق سارايغىچە يۈرۈش ئېلىپ باردى.

بۇ يۈرۈشتە ترامپ تەرىپىدىن بۇرۇن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن «مۇسۇلمانلارنى ئەنگە ئېلىش» تەكلىپ لايىھەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

يۈرۈش پائالىيىتىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپنىڭ تەكلىپىنىڭ نۇرغۇن كىشىنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باياناتچىسى ئىنسانلارنى دىنى ئېتىقادىغا ئاساسەن ئەنگە ئېلىشكە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىلىق باش تەپتىشى لورېتتا لىيىنچمۇ،  دۇللېس رايونلۇق مۇسۇلمان جەمئىيىتىدە سۆز قىلىپ بۇ ئەھۋالغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«ئەندىشە ۋە قايغۇلىرىڭلارنى چۈشىنمەن»دېگەن لىيىنچ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار ۋە كۆچمەنلەر توغرۇلۇق ئىشلىتىلگەن تىل ئۇسلۇبلىرى نەپرەت جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى، ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.»

ئىنسانلارغا كۆرۈنۈش قىپايەتلىرى ياكى ئېتىقادىغا ئاساسەن ئايرىمچىلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن باش تەپتىش، نەپرەت جىنايەتلىرى ئۈستىدە ئەستايىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر