لوندوندا بىر ھۇجۇمچى «مۇسۇلمان ئۆلتۈرگۈم بار» دېگەچ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى بىر پويىز ئىستانسىسىدا «مۇسۇلمان ئۆلتۈرگۈم بار» دەپ ۋارقىرىغان بىر ھۇجۇمچى بىر كىشىنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇردى.

629469
لوندوندا بىر ھۇجۇمچى «مۇسۇلمان ئۆلتۈرگۈم بار» دېگەچ كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فورېست ھىل بېكىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، پىچاقلىق ھۇجۇمچى بىر كىشىنى يۈزى ۋە پۇتىدىن يارىلاندۇردى. ساقچىلار، ۋەقەگە چېتىشلىق 38 ياشلىق بىر ئەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، قارا تەنلىك مەزكۇر ھۇجۇمچىنىڭ «مۇسۇلمان ئۆلتۈرگۈم بار»، «سۈرىيەگە قايتىپ كېتىڭلار» ۋە «مۇسۇلمانلار... ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ ۋارقىرىغانلىقىنى، بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرى ياغلىق ئارتىۋالغان بىر يولۇچىغا پىچاق تەڭلەپ تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلار، ھۇجۇمدا بېشى ۋە كۆكسىدىن يارىلانغان بىر ئەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ھۇجۇمچى بىلەن قۇرباننىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى. نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارغا گۇۋاھ بولغۇچىلارنىڭ ئىپادىلىرىگە قارىماي، ئەنگلىيە ساقچىلىرى ۋەقەنىڭ تېررورىزم بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيەدە مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى كۆزىتىدىغان ھۆكۈمەت ھىمايىسىدىكى «تېل ماما» ناملىق ئورگاننىڭ ئۆتكەن ئايلىق دوكلاتىدا، يېقىنقى ئۈچ يېرىم يىلدا 100 دىن ئارتۇق جامە ۋە ئىسلامىي ئورگاننىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

ئەنگلىيەدە 23- ئىيۇندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇلغاندىن كېيىن  ئاشقۇن ئوڭچى كىشى ۋە تەشكىلاتلار تەرىپىدىن چەت ئەللىكلەرگە قارشى قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقى كۆرۈلگەنىدى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىيۇن ئېيىدا ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئايال پارلامېنت ئەزاسى جو كوكسنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئارىلاشقان يېڭى ناتسىست «مىللىي ھەرىكەت» ناملىق تەشكىلاتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر