قاھىرەدىكى بومبىلىق ھۇجۇمدا 25 ئادەم ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى قىبتىيلارغا تەۋە بىر چېركاۋدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 25 ئادەم ئۆلدى، 49 ئادەم يارىلاندى.

628576
قاھىرەدىكى بومبىلىق ھۇجۇمدا 25 ئادەم ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئابباسىييە رايونىدىكى ئەزىز مارك چوڭ چېركاۋىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.

ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىرىستىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە مىسىرلىق ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا توپلىنىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

لېكىن، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى مىسىرنىڭ سىنا رايونىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، يۈزلەرچە مىسىر ساقچىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

مىسىردا ئاخىرقى قېتىم جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ئىككى ئايرىم پارتلاشتا 6 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6 ساقچى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر