قاھىرەدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 25 ئادەم ئۆلدى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئابباسىييە رايونىدا شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى.

628058
قاھىرەدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 25 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئابباسىييە رايونىدىكى قىبتىيلارغا تەۋە ئەزىز مارك چوڭ چېركاۋىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 25 ئادەم ئۆلدى، 31 ئادەم يارىلاندى.

مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قىبتىيلار 90 مىليونغا يېقىن مىسىر نوپۇسىنىڭ %10 ىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر