نىگېرىيەدە 2 كىچىك قىز بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتتى

ئادەم بومبا ھۇجۇمى ماداگالى يېزا بازىرىدا ئادەم كۆپ جايدا يۈز بەردى.

627526
نىگېرىيەدە 2 كىچىك قىز بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 56 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 30 كىشى يارىدار بولدى.

ھۇجۇم ماداگالى يېزا بازىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، 2 نەپەر كىچىك قىز ئادەم كۆپ جايدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتتى.

ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ماداگالى يېزىسىنىڭ كونتىروللۇقىنى نىگېرىيە ئارمىيەسى 2014 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامدىن تارتىپ ئالغان ئىدى. 

ماداگالى يېزىسىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە 2015 – يىلى يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىمۇ 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

چاد، نىگېرىيە، كامېرۇن ۋە بېنىن قاتارلىق دۆلەتلەر بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان 10 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قىسىم بوكو ھارام ۋە باشقا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۈچ كېلىۋاتقان رايونلاردا بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر