ئامېرىكىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى

يەر تەۋرەشتىن كېيىن جىددىي دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.

626595
ئامېرىكىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيا ئىشتاتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.8 بال يەر تەۋرىدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يەر تەۋرەشنىڭ دېڭىزدا 10 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن جىددىي دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.

بۇ قېتىم يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكى ھەققىدە تېخىچە ھېچ قانداق مەلۇمات ئېلان بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر