ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرى دونالد ترامپقا مەكتۇپ ئەۋەتتى

ئامېرىكىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇسۇلمانلاردىن 300 دىن ئارتۇق جامائەت ئەربابى 20-يانۋاردا پىرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئولتۇرىدىغان دونالد ترامپقا مەكتۇپ يېزىپ، مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى.

625193
ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرى دونالد ترامپقا مەكتۇپ ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى مەزگىلىدە قىلغان ئىسلامغا ئۆچمەنلىك خاراكتېرىدىكى سۆزلىرى، سايلامدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدە كۈنسېرى ئۇلغىيىۋاتقان نەپرەت جىنايەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان مەكتۇپ، «muslimlettertotrump» (مۇسۇلمانلارنىڭ ترامپقا يازغان مەكتۇبى) ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ترامپقا ئەۋەتىلدى. بۇ مۇسۇلمان جامائەت ئەربابلىرىدىن ترامپقا ئەۋەتىلگەن تۇنجى مەكتۇپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلدى:

«خىزمەت قوشۇنىڭىزنىڭ مۇسۇلمانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلىرىنى نىشانغا ئالىدىغان تەكلىپلەرنى جىددىي شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز.»

مەكتۇپتا، دونالد ترامپ بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىلدى. مەكتۇپقا، ئامېرىكان-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى، زايتۇنا كولېج، شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جامائىتى ۋە دۇللېس رايونلۇق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئامېرىكىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىمزا قويدى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا نەپرەت خاراكتېرلىك جىنايەتلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

جەنۇبىي كەمبەغەللىك قانۇن مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، سايلامدىن كېيىنكى بىر ھەپتىدە ئامېرىكا تەۋەلىكىدە 700 دىن ئارتۇق ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق خاراكتېرلىك پاراكەندە قىلىش ياكى تەھدىت سېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

ئۆتكەنكى كۈنلەردە كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بەزى جامەلەرگە ئەۋەتىلگەن تەھدىت خەتلىرىنىڭ جورجىيا ۋە فلورىدا ئشتاتلىرىدىكى جامەلەرگىمۇ ئەۋەتىلىشى، دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىۋاتقان يېڭى نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئىدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر