تىرىنىداد ۋە توباگودا يەر تەۋرىدى

كارائىبتىكى ئىككى ئايرىم ئارالدىن تەشكىل تاپقان تىرىنىداد ۋە توباگودا 5.8 بال يەر تەۋرىدى.

625445
تىرىنىداد ۋە توباگودا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقاتلار مەركىزى، مەركىزىي نۇقتىسى توباگو ئارىلىغا قاراشلىق سكاربورو شەھىرىنىڭ 25 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبى بولغان تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 35 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەر تەۋرەش كارائىبقا جايلاشقان سائىنت ۋىنسېنت ۋە گرېنادىن ئاراللىرىدىمۇ ھېس قىلىندى. يەر تەۋرەشنىڭ ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرى ياكى ئىقتىسادىي زىيان يارىتىپ ياراتمىغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر