خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېرىكچىلىكلەرنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىدىن سىگناللار

يېڭى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىردىن باشلاپلا سىگنال بېرىشكە باشلىدى.

625770
خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېرىكچىلىكلەرنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىدىن سىگناللار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكچىلىكلەرنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىدىن سىگناللار كەلمەكتە.

يېڭى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ،ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىردىن باشلاپلا سىگنال بېرىشكە باشلىدى.

ئامېرىكىنىڭ 45 - پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېخى ۋەزىپىسىنى باشلىماي تۇرۇپلا دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلىدى.

دەرۋەقە،دونالد ترامپنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تۇيۇقسىزلاتەيۋەن رەھبىرى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەت قىلىشى ۋەخىتاينىڭ نارازىلىقىدىن كېيىن،تۋىتتېر ھېسابىدىن خىتايغا قارشى ئەيىبلەش خاراكتېرلىك باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقى خەلقئارالىق ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەر يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان بىر دەۋرنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

دونالد ترامپ ئىككى كۈن ئىلگىرى تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن بىلەن تەخمىنەن 10 مىنۇت تېلېفوندا كۆرۈشكەن ھەمدە بۇ ئۇچرىشىشتا ئىقتىساد ۋە مۇداپىئە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەن ئىدى. پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىمۇ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ۋە تېخى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىمىغان دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى 1979 - يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دىپلوماتىيە ئەنئەنىسىگە زىت تۋېتتېر ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەشكەنلىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھارارەتنىڭ يۈكسىلىشىگە سەۋەب بولماقتا.  

دونالد ترامپ تۋىتتېر ھېسابىدىن ھەمبەھىرلەشكەن باياناتىدا: «تەيۋەن رەھبىرى بۈگۈن مېنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىمنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلدى, رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا،بۇ ئۇچرىشىشتا تەيۋەننى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى «بۇ پەقەت تەيۋەن ئوينىغان ھىيلە» دېگەن باھانى بېرىپ، بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ خەلقئاراجامائەتچىلىكنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈگەن ئىدى.

دونالد ترامپ بۇنىڭغا قارشى ئۇزۇن ئۆتمەيلا «ئامېرىكا تەيۋەنگە مىلياردلارچە دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە سېتىۋاتقان تۇرۇقلۇق،تەيۋەن پىرېزىدېنتىنىڭ تەبرىك تېلېفونىنى قوبۇل قىلماسلىق كېرەكلىكى،نېمە دېگەن غەلىتىلىك ھە؟» دېگەن ئۇچۇرنى ئورتاقلاشتى.

تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي سودا سوممىسى 86 مىليارد 900 مىليون دوللار بولۇپ،تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ 14 - چوڭ ئېكسپورت بازىرى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا 1970-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ تەيۋەن ئارىلىنى قوغداش كېلىشىمى دائىرىسىدە،تەيۋەنگە 12 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىپ بەردى. ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ نارازىلىقلىرىغا پېسەنت قىلماستىن،پەقەت ئۆتكەن 1 يىل ئىچىدىلا تەيۋەنگە 1 مىليارد 830 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئەمدىلىكتە دونالد تىرامپنىڭ ھەمبەھىرلەشكەن باياناتىدا، «تەيۋەن پىرېزىدېنتى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە مىليارلارچە دوللارلىق قورال تىجارىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى،خىتاي-تەيۋەن تەڭپۇڭلۇقىنى ئېھتىيات بىلەن داۋملاشتۇرۇپ كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەنئەنىسىگە ماسلاشمايتتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر رەھبىرىنىڭ ئىشلەتكەن سۆزلىرى گەرچە تەيۋەننى ئېتىراپ قىلغانلىق مەنىسىگە كەلسىمۇ،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ، بۇ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قوبۇل قىلغان <بىر خىتاينى قوللاش> سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ, دەپ قارىمايمەن» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىدا 1979 - يىلىدىن بۇيانقى بارلىق پىرىزېدىنتلار بۈگۈنگە قەدەر، تەيۋەننىڭ خىتاي دۆلىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ۋە ھېچبىرسى تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدى.

تەجرىبىلىك كارخانىچى دونالد ترامپ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە «پايدا - مەنپەئەت» نۇقتىسىدىن قارىماقتا

70 ياشلىق كارخانىچى دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىكى مەزگىلىدە ختاينى داۋاملىق ئامېرىكىنىڭ سودا پۇرسەتلىرىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ, ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي ساھەدە تېخىمۇ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرالىشىنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش بىلەن بىرگە, ئەركىن بازار مەنتىقىسى ئارقىلىق رەقىبى بىلەن روبىرو كېلىشتىن ئىلگىرىلا قولىدىكى كوزىرلىرىنى ياخشى ئويناشنىڭ كويىنى قىلماقتا.  

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى 20 - يانۋاردا باراك ئوبامادىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بولغاچقا، ھازىرچە خىتاينىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان باياناتلارنى تۋىتتېر ھېسابىدىن ھەمبەھىرلەشسىمۇ، يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. گەرچە خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بىر كىرىزىس يارىتىش ماھىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، خىتاي ھازىرچە دونالد ترامپقا رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرەلمەيدۇ.

دوناد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى زادى قانچىلىك ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. چۈنكى يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي قەدەملەرنى تاشلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن يېرىم تىرىلىيون دوللارلىق بىر خەۋپكە تەۋەككۇل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. خىتاي ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىغا 482 مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى. ئامېرىكا بولسا, خىتايغا 116 مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى ۋە 366 مىليارد دوللارلىق قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن بولدى. بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىمۇ خىتاي ئامېرىكىغا 337 مىليارد دوللارلىق مال ئېكىسپورت قىلغان بولسا، ئامېرىكا خىتايغا ئاران 80 مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلالىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىر - بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن, دونالد ترامپ ھازىرچە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى رەسمىي باشلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي تەرەپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر رەھبىرى ترامپنى بىۋاستە ھۇجۇم نىشانى قىلماستىن, ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى «بىر خىتاينى قوللاش» سىياسىتىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىق قىلماقتا. مۇخبىرلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن «ئامېرىكا تەرىپى دېگىنىڭىزدە دونالد ترامپنى كۆزدە تۇتۇۋاتامسىز ياكى مەۋجۇت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىمۇ؟» دەپ سوئال سورىغاندىمۇ، خىتاي مىنىستىرى «بىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىمىز ئىنتايىن روشەن» دېيىش بىلەن سوئالنى جاۋابسىز قالدۇردى. ھازىرچە خىتاي دونالد ترامپقا نىسبەتەن «ساقلاپ كۆرۈش» سىياسىتىنى ئىشلەتمەكتە.

دونالد ترامپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى «بىر خىتاي سىياسىتى» نىڭ ئورنىغا تاللىيالامد؟

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي سىياسىتى» نى تەيۋەن ۋە خىتايدا تۇنجى قېتىم 1992 - يىلى تۈزۈلگەن مۇرەسسەنى ئاساس قىلغان ھالدا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىرا،, ھەر ئىككى تەرەپ «بىر خىتاي سىياسىتى» دېگەن ئۇقۇمنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئىزاھلايدۇ. دونالد ترامپ دەل ئەنە شۇ پەرقلىق ئىزاھاتنى ئىستېمال قىلالايدىغانلىقىنى تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا «تەيۋەن پىرېزىدېنتى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوچۇق ئىپادىلگەن بولدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى چىنپىڭ ۋە تەيۋەن رەھبىرى ما يىڭجۇ ئالدىنقى يىلى سىنگاپوردا ئارىدىن 66 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولغان ۋە «ئىككى قىرغاق» ياكى «ئىككى بوغۇز» دەپمۇ تەرىپلىنىدىغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر بولغان ئىدى. ئالدىنقى يىلى سىنگاپوردا «ئىككى قىرغاق» رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولغان يىغىندىن ئىلگىرى تەيۋەن رەھبىرى ما يىڭجۇ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلىكتە رەسىمگە چۈشكەن ۋە شى چىنپىڭ ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا «ھېچ كىشى بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ, بىز بىر ئائىلىمىز» دېگەن ئىدى. تەيۋەن رەھبىرى ما يىڭجۇ بولسا، «ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» ئىدى دېگەن.

ئەمدىلىكتە بولسا، دونالد ترامپنىڭ ھەمبەھىرلەشكەن باياناتىغا قارىتا, خىتاي ئاخباراتلىرىدا تەيۋەنگە تەھدىت سالىدىغان يازمىلار چىقىشقا باشلىدى. تەيۋەنگە ئىككىلەنمەستىن ئۇرۇش ئېچىش ھەققىدىكى بۇ يازمىلار كىشىلەرگە 1995 - ۋە 1996 - يىلىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسلەرنى خاتىرىلەتتى. 1995 - يىلى ئامېرىكا تەيۋەن رەھبىرى لى دىڭخۇيغا ۋىزا بەرگەن بولۇپ , خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىزا بېرىشكە قارىتا «تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم» دەپ باھا بەرگەن ئىدى. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى 1995 - يىلىدىن كېيىن تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكىگە ھەمدە 1996 - يىلى تەيۋەننىڭ سايلام ھارپىسىدا تەيۋەنگە نۇرغۇن قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى . تەيۋەننىڭ پورتلىرىغا تېگىشكە ئازلا قالغان جايلارغا چۈشكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تەيۋەنگە نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى . بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ چاغدا ۋەقە ھەققىدە «بىز پەقەت باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ئىدۇق» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ 1996 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە جاۋاب سۈپىتىدە, تەيۋەننى قوغداش ئۈچۈن «U SS Nimitz'in » ۋە « USS Kurtuluş » ناملىق ئىككى ئاۋىياماتكىسىنى تەيۋەن بوغۇزىغا ئەكىلىپ توختاتقان ئىدى.

ئەمدىلىكتە, دونالد ترامپ خىتاي - تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر ۋەقەلەر سەۋەبلىك سەزگۈر تەڭپۇڭلۇقنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈچەيتىشنى خالىماقتا. خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇلۇڭغا قىستاش ئۈچۈن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا 300 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قىزىل رەقەم پەيدا قىلىش كويىدا تاشلاش ئېھتىمالى بولغان قەدەملىرىگە قارشى ھازىردىن باشلاپلا تەيۋەن كارتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

خىتاي, جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا چوڭ ھەربىي بازىلارنى قۇرىدىغان چاغدا بىزدىن سوراپ باققانمىدى؟

خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە خىتاي, دونالد تراپنىڭ تەيۋەن رەھبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبەتلىرىنى تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا «سىياسىي تەجرىبىسىزلىك ياكى خۇسۇسىي قارىشى» دەپ باھا بەرگەن بولسىمۇ, ئەمما ترامپ تۋىتتېردا ئىزچىل تۈردە تەيۋەن ھەققىدىكى باياناتلارنى ھەمبەھىرلىشىشنى داۋاملاشتۇردى.

دونالد تراپ تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى باياناتىدا, خىتاي ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى قەستەنلىك بىلەن چۈشۈرگەن جاغدا ۋە بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا يۇقىرى تاموژنا بېجى يولغا قويغان چاغدا ياكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا چوڭ ھەربىي بازىلارنى قۇرىدىغان چاغدا بىزدىن سوراپ باققانمىدى «? ئۇنداق قىلىدۇ, دەپمۇ ئويلىمايمەن»دېگەنلەرنى ھەمبەھىرلەشتى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى يولغا قويغان سىياسىتىگە «زىيان ۋە مەنپەئەت» نۇقتىسىدىن قارىغان ترامپ، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە خىتايدىن رۇخسەت سوراپ يۈرمەيدىغانلىقىنى تۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتى بىلەن ئوچۇق كۆرسىتىپ قويغان بولدى. ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدىمۇ خىتاينى «بازارنى مالىمان قىلىش ئۈچۈن قەستەن ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ۋە ئامېرىكىنىڭ سودا پۇرسەتلىرىنى ئوغرىلاش» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.   

تەيۋەن مەسلىسىدىن باشقا يەنە, سودا، تور بىخەتەرلىكى، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ھەمدە جەنۇبىي كورېيەگە ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان « THAAD » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتىدىغان بولساق، دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەر تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان دەۋرنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ سىگناللىرىنى كۆرۈۋالالايمىز.

مەنبە: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى

ئاپتورى: فۇئات كاباقجى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر