ھىندونېزىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى

ھىندونېزىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى، يارىلىنىشى ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ياراتتى.

625129
ھىندونېزىيەدە ئېغىر يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەدە مەيدانغا كەلگەن 6.4 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 18 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى، ئونلارچە بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى، ھازىرغىچە 50 ئادەم خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىلدى.

شىددەتلىك تەۋرەش يۈزىسىدىن سىم تۈۋرۈكلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، خەلق ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆزلىرىنى كوچىلارغا ئاتتى.

مەركىزىي نۇقتىسى بۇماترا ئارىلى بولغان يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئالاقىدار خادىملار دېڭىز تاشقىنى خەۋپىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيە ئورگىنى، ھىندونېزىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيەدە 2004 – يىلى يۈز بەرگەن 9.4 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسى ۋە ئارقىسىدىن مەيدانغا كەلگەن دېڭىز تاشقىنىدا 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر