خىتاينىڭ شى جىنپىڭىغا، رۇسىيەنىڭ پۇتىنىغا... قارشى مۇستەقىل فىرانسىيە خالايمەن

فىرانسىيە باش مىنىستىرى مانۇئېل ۋولس ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

624400
خىتاينىڭ شى جىنپىڭىغا، رۇسىيەنىڭ پۇتىنىغا... قارشى مۇستەقىل فىرانسىيە خالايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ۋولس بۇنىڭدىن بۇرۇن شەھەر باشلىقى بولغان ئېۋرى شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە: «پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە قاتنىشىمەن» دېدى.

باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سوتسىيالىست پارتىيە ئەزاسى ۋولس، دۆلىتىدە پارچىلانغان ھالەتتە تۇرۇۋاتقان سولچى قاتلامنى بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ ۋلادىمر پۇتىنىغا، ئامېرىكىنىڭ دونالد ترامپىغا، تۈركىيەنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغانىغا ۋە خىتاينىڭ شى جىنپىڭىغا قارشى، ئۆز مەنىۋى بايلىقلىرىغا چىڭ ئېسىلغان، مۇستەقىل فىرانسىيە خالايمەن» دېدى.

ھازىرقى پىرېزىدېنت ئولاند 1-دېكابىر پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، 2014-يىلى 31-مارتتىن باشلاپ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ۋولسنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولۇش يولى ئېچىلغان بولدى.

خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئايلاردا ئولاندنى قوللاش نىسبىتى %10 ئازايغان، ۋولسنى قوللاش نىسبىتى بۇ رەقەمدىن ئازىراق ئاشقان.

فىرانسىيە سوتسىيالىست پارتىيەسىنىڭ 22-29-يانۋار كۈنلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق نامزاتىنى بەلگىلەش سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 15-دېكابىرغىچە تىزىملىتىش كېرەك.

سابىق باش مىنىستىر فرانچويىس فىللون فىرانسىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇنقى سايلىمىدا، پىرېزىدېنت نامزاتى بولدى.

فىرانسىيەدە ئىككى قېتىملىق ئايلانما پىرېزىدېنتلىق سايلىمى 2017-يىلى 23-ئاپرېل ۋە 5-ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى فىللون بىلەن رادىكال ئوڭچى مىللىي ئالدىنقى سەپ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مارىن لېپېن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرى دەپ قارالماقتا. ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيالىست پارتىيە راي سىناش نەتىجىلىرىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولالمىدى.         



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر