ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبتا يەنە پۇقرلارنى بومباردىمان قىلدى

سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ كەفر نەبل بازىرىدىكى بىر بازارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ ساندا پۇقرانىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

623285
ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبتا يەنە پۇقرلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ئىدلىبنىڭ كەفر نەبل بازىرىدىكى بىر بازارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 12 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 23 پۇقرانىڭ يارىلاندۇردى.

يارىدارلار مەزكۇر بازاردىكى سەھرا دوختۇرخانىلىرىدا بالنىستقا ئېلىندى، بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر ھاۋا ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرىدىن سىرت كۆپ ساندا ئاپتوموبىل ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئوت كەتتى. ئوت ئاپىتى شۇ يەردىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئېغىر ماددىي زىيان كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر