قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

گېرمانىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بىر تېررورچىنى قولغا چۈشۈردى.

623126
قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: د ھ ك پ – ج تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى گوللاندىيە پۇقراسى مۇسا ئاش ئوغلۇ (55 ياش)، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى.

گۇماندار د ھ ك پ – ج تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا قانىتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئاساسەن ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش «ياۋروپا مەسئۇلى» سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گۇماندار مۇسا ئاشئوغلۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مالىيە مەنبەسى تېپىش ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرۈش ۋە ئىئانە پۇللىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئىدى. ئۇ، بۈگۈن قولغا ئېلىنىش تەلىپى بىلەن سوتلىنىدۇ.

ئاشئوغلۇنىڭ ئىسمى (تۈركىيە) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدە بولۇپ، ئورنىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا 4 مىليون لىرا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

تىزىملىكنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسى، تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

قولغا چۈشۈرۈلگەن تېررورچىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر