ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماريلاند ئۆلكىسى بالتىمور شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

621396
ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماريلاند ئۆلكىسىنىڭ بالتىمور شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 2 ئادەم ئۆلدى، 4 ئادەم يارىلاندى.

قوراللىق ھۇجۇمچى بىر ماگزىننىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرگە ئوق چىقاردى؛ ۋەقەدە بىر كىشى نەق مەيداندا، يەنە بىر كىشى دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. يارىلانغان 4 كىشىدىن بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار، ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن ھۇجۇمچىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ھۇجۇمنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى رايوندا سادىر قىلىنغان جىنايى ھەرىكەتكە جاۋابەن سادىر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر