خىتايدا كان بېسىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە كان بېسىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 22 ئادەم قاپسىلىپ قالدى.

620648
خىتايدا كان بېسىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىتايخې شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كان بېسىۋېلىپ، 22 ئادەم قاپسىلىپ قالدى.

خەۋەردە، يۈز بېرىش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، قاپسىلىپ قالغۇچىلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر