بىرازىلىيەلىك پۇتبولچىلار ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

بىرازىلىيەلىك پۇتبولچىلار ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى كولومبىيەنىڭ مېدىللىن شەھىرىدە چۈشۈپ كەتتى.

619502
بىرازىلىيەلىك پۇتبولچىلار ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولىۋىيە – كولۇمبىيە ئارىسىدا قاتناۋاتقان ئەسنادا يولۇچى ۋە ئايروپىلان مۇلازىمەتچىلىرى بولۇپ جەمئىي 81  ئادەم بىلەن بىرلىكتە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى ئارىسىدىن 76 ئادەمنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى، 5 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانى كولومبىيەنىڭ خوزې مارىيا كوردوۋا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدىكى دەرەخزارلىققا چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئىچىدە  بىرازىلىيە شاپېكوئېنسېنى پۇتبول كوماندىسىنىڭ 3 پۇتبولچىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى ئارىسىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە بىر ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسى بىلەن بىر ژۇرنالىستمۇ بار ئىكەن.

قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن رايوندىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. قازا يۈزىسىدىن جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى كېچىكتۈرۈلدى.

ئايروپىلاننى ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى يۈزىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

ۋەقەنىڭ شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر