سومالىدا تېررورچى ئەش-شەبابچىلار بىلەن بىر قەبىلە ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

سومالىنىڭ مۇدۇگ رايونىدا تېررورچى ئەش-شەبابچىلار بىلەن بىر قەبىلە ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

619311
سومالىدا تېررورچى ئەش-شەبابچىلار بىلەن بىر قەبىلە ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ مۇدۇگ رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەباب بىلەن بىر قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 26 ئادەم ئۆلدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقانلىقى، ئەش-شەبابنىڭ دۇمايى رايونىدىن چېكىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۇمايى ئاھالىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەباب بىلەن قەبىلە قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ، ئەش-شەبابچىلارنىڭ يېزا ئاھالىلىرىدىن پۇل تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

سومالىدا 2004-يىلى قۇرۇلغان ئەش-شەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى، سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى يېزا ۋە رايونلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

ئەش-شەبابچىلار پايتەخت موگادىشۇ بولۇپ بەزى شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلارغا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ۋە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە پات-پات ھۇجۇم قوزغاپ تۇرىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر