ھەلەب يەنە بومباردىمان قىلىنىپ 17 ئادەم ئۆلدى

رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارنى بومباردىمان قىلدى.

618654
ھەلەب يەنە بومباردىمان قىلىنىپ 17 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئانجارا رايونىدىكى ئولتۇراق رايونلار قاتتىق بومباردىمان قىلىنىپ 17 ئادەم ئۆلدى، 30 ئادەم يارىلاندى.

ھەلەبتىكى خەلق مۇداپىئە مەسئۇللىرى، رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئانجارا رايونىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسئۇللار خەلق مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ چوڭ تىپلىق ماشىنىلارنى ئىشقا سېلىپ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلىشتى.

ھەلەبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا 15-نويابىردىن ھازىرغىچە قىلىنغان ھۇجۇملاردا 554 ئادەم ئۆلۈپ، 196 ئادەم يارىلانغان. ھاكىمىيەت بىلەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن بارلىق دوختۇرخانىلار خىزمەتتىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى، پەقەت ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردا 3 ناۋايخانىنىڭلا ئوچۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. قاتتىق بومباردىمانلار سەۋەبىدىن شەھەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى ئاساسەن ۋەيران بولدى، يوللار كاردىن چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر