ترامپ كاسترو ھەققىدە ئېغىر سۆزلەرنى قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، كۇبا ئىنقىلابىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان رەھبىرى، سابىق پىرېزىدېنت فىدېل كاسترو ھەققىدە ئېغىر سۆزلەرنى قىلدى.

618507
ترامپ كاسترو ھەققىدە ئېغىر سۆزلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپتە تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق «فىدېل كاسترو ئۆلدى» دەپ ئۇچۇر تارقاتقان دونالد ترامپ، بۇ ئۇچۇرىدىن ئۈچ، تۆت سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۈگۈن دۇنيا، ئۆز خەلقىگە 60 يىلغا يېقىن بېسىم ئىشلەتكەن بىر زالىم دىكتاتورنىڭ ئۆلۈمىگە گۇۋاھ بولدى. بۈگۈننىڭ كۇبا خەلقىنىڭ تېگىشلىك ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان بىر كۈن بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە كۇبالىقلارنىڭ باياشاتلىق ۋە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئۇ، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى جەريانىدا، پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ كۇبا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنى ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر