پارىژدا مۇساپىرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار ئۈچۈن چېگرالىرىنى ئېچىشىنى تەلەپ قىلىپ «مۇساپىرلار خۇش كەلدىڭلار» دېگەن نام ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

618509
پارىژدا مۇساپىرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستالىنگراد مەيدانىغا توپلانغان 500 دەك نامايىشچى، سائنت – لازارې پويىز بېكىتىگىچە ماڭدى. مېڭىش جەريانىدا «چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا بولمايدۇ»، «مۇساپىرلارنى سىلكىشلەشكە بولمايدۇ»، «مۇساپىرلار خۇش كەلدىڭلار»، «ساقچىلارنىڭ باستۇرۇپ كىرىشلىرىگە قارشىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، «بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ساياھەت ئەركىنلىكى»، «مۇساپىرلارغا ناچار مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ شوئار توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر