جامائەتۇلئەھرار پاكىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى بىر ھەربىي بازىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى بىر ھەربىي بازىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان تېررورچىلار بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 4 ھۇجۇمچى بىلەن 2 ئەسكەر ئۆلدى.
پاكىستان ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، ئافغانىستان چېگراسىغا جايلاشقان موھماند قەبىلىلەر رايونىدىكى گالانى ھەربىي بازىسىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان قوراللىق ئادەم بومبىلارنىڭ ئاھالىلەر رايونى ئىچىدىكى بىر جامەنىڭ ئالدىدا توختىتىلغاندىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇش نەتىجىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىككى ھۇجۇمچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى، قالغان ئىككى ئادەم بومبىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا يەنە، ھۇجۇمدا ئىككى ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 14 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى 2014 – يىلى پاكىستان تالىبانىدىن ئايرىلىپ چىققان «جامائەتۇلئەھرار» ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان موھماند قەبىلىلەر رايونى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي بازىسى ھېسابلىنىدۇ.