جەنۇبىي كورېيە تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ نامايىشىغا دۇچ كەلدى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇل تارىخىنىڭ ئەڭ زور كۆلەملىك نامايىشلىرىغا سەھنە بولماقتا.

618506
جەنۇبىي كورېيە تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ نامايىشىغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈز مىڭلارچە كىشى پىرېزىدېنت پاك گۈن يېغا قارشى سېئۇل كوچىلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پىرېزىدېنتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ھۆكۈمەتنىمۇ پىرېزىدېنتنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا چاقىردى.

نامايىشلار، پىرېزىدېنت پاكنىڭ كونا دوستى چۇي سۇن شىنىڭ رەسمىي ۋەزىپىسى بولماي تۇرۇپ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن باش كۆتۈردى.

تۇتقۇن قىلىنغان چۇي سۇن شىنىڭ بەزى دۆلەت سىرلىرىنى بىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىرېزىدېنت پاك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ سودا – سانائەتچىلەرنى بەزى ۋەقىپلەرگە ئىئانە قىلىشقا قىستاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان چۇينىڭ، 9 مىليون دوللارغا يېقىن پۇلنى ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزۈۋالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىرېزىدېنت پاك گۈن يې خاتالىقىنى تونۇپ، خەلقتىن كەچۈرۈم سورىغانىدى. لېكىن، ئۇنىڭ كەچۈرۈم سورىشى خەلقىنىڭ غەزىپىنى باستۇرۇشقا يەتمىدى.

ئۆكتىچىلەر قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان نامايىشلار 5 ھەپتىدىن بۇيان ھەر شەنبە كۈنى داۋاملاشتۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر