ئامېرىكىدا سايلام بېلەتلىرى قايتا سانىلىدىغاندەك قىلىدۇ

سايلام كومىتېتى پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن بىرسى بولغان چىل سىتېيىننىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن سايلام بېلەتلىرىنى قايتىدىن ساناش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

618118
ئامېرىكىدا سايلام بېلەتلىرى قايتا سانىلىدىغاندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى بېلەتلىرىنىڭ قايتىدىن سانىلىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى.

يېشىللەر پارتىيەسى نامزاتى چىل سىتېيىن ۋىسكونسىن ئىشتاتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى دونالد تىرامپ ئۇتۇپ چىققان سايلامنىڭ بېلەتلىرىنىڭ قايتىدىن سانىلىشى ئۈچۈن سايلام كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇندى.

سايلام كومىتېتى پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن بىرسى بولغان چىل سىتېيىننىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن سايلام بېلەتلىرىنى قايتىدىن ساناش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.

چىل سىتېيىن ئىلتىماسى ھەققىدىكى باياناتىدا، سايلام جەريانىدا تور ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، بېلەتلەرنىڭ قايتىدىن سانىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

ۋىسكونسىن ئىشتاتىدىكى سايلامدا دونالد تىرامپ 1 مىليون 404 مىڭ بېلەتكە، ھىللارىي كىلىنتون 1 مىليون 381 مىڭ 823 بېلەتكە، يېشىللەر پارتىيەسى نامزاتى چىل سىتېيىن بولسا، ئاران 31 مىڭ 6 بېلەتكە ئېرىشكەن ئىدى.

يېڭىلىق پارتىيەسى نامزاتى روككى رېكۇ دەلا فۇنتە بولسا، 1514 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر