ئامېرىكا: تۈرك خەلقى ياكى ئەمەلدارلىرىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيانغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

616225
ئامېرىكا: تۈرك خەلقى ياكى ئەمەلدارلىرىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي، تۈرك خەلقىدە شەكىللەنگەن «(15- ئىيۇل) ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا دۆلىتىنىڭ بارلىقىغا دائىر» قاراشلار توغرىسىدا توختىلىپ، «تۈركىيە خەلقى ياكى ئەمەلدارلىرىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن» دېدى.

باياناتچى كىرباي، «ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بولۇشى تۈركىيەدە ئامېرىكىغا قارشى خاھىشنىڭ كۈچىيىشكە باشلىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالغا، بۇنىڭ «سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقى» ھەققىدىكى قارىشىنى تەكرارلىدى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن دۆلىتىنىڭ ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان كىرباي، «ئامېرىكا دائىرىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەنى ۋە تۈركىيەدىكى دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان ھۆكۈمەتنى قوللىدۇق، قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

كىرباي «پېنسىلۋانىيەدە ياشاۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئامېرىكىدىن قېچىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ۋە بۇ نۇقتىدا ھەر قانداق بىر خەۋپسىزلىك تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇپ قويۇلمىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋابەن، بۇ مەسىلىگە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارايدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن باياناتچى كىربايغا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ يىلنامىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نارازىلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «مىنۇتمۇ مىنۇت فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى» ناملىق كىتاب ھەدىيە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر