ئەردوغان ھەرىرىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇستەقبەل ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى، سابىق باش مىنىستىر سەئىد ھەرىرىنى تەبرىكلىدى.

615918
ئەردوغان ھەرىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، لىۋاندا يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان مۇستەقبەل ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى، سابىق باش مىنىستىر سەئىد ھەرىرىنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى مىشەل ئەۋن تەرىپىدىن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان مۇستەقبەل ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەرىرىغا تېلېفون ئېلىپ تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر