سۈرىيەدە دائېشقا تەۋە 99 نىشان قۇرۇغلۇقتىن توپقا تۇتۇلدى

دائېش ئىشلىتىۋاتقان پاناھجايلار، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق مەركەزلىرى ۋە قورال – ياراق، ئاپتوموبىللىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.

616035
سۈرىيەدە دائېشقا تەۋە 99 نىشان قۇرۇغلۇقتىن توپقا تۇتۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېشقا تەۋە 99 نىشان قۇرۇغلۇقتىن توپقا تۇتۇلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىشلەتكەن پاناھجايلار، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق مەركەزلىرى ۋە قورال – ياراق، ئاپتوموبىللىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار دائېشنىڭ كونتىروللۇقىدىكى باب ۋە شابىۋىران رايونلىرىدا 9 نىشانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن 2 قوماندانلىق بىناسى، 4 مۇداپىئە ئىستىھكامى ۋە 1 قورال ئىسكىلاتى پاچاقلاپ تاشلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن رايوندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا قوزغىلاڭچى قىسىملاردىن 4 ئەسكەر شېھىت بولدى. 21 قوزغىلاڭچى ئەسكەر يارىدار بولدى. تۇقۇنۇشتا 1 ھەربىي ئوفېتسىر بىلەن 1 قوشۇمچە ئەسكەر يېنىك يارىدار بولدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان قوزغىلاڭچى قىسىملار 215 ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 1800 كىۋادرات كېلومېتىرلىق رايوننىڭ كونتروللۇقىنى تېررورچىلاردىن تارتىپ ئالدى.

بۇ جەرياندا كۆپىنچىسى توزاق قۇرۇلغان 40 مىنا ۋە 1700 قولدا ياسالغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر