يەمەندە قايتا باشلانغان توقۇنۇشلاردا 19 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش شەنبە كۈنى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا  باشلانغان  ئىدى.

615621
يەمەندە قايتا باشلانغان توقۇنۇشلاردا 19 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە 48 سائەت داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىنكى توقۇنۇشلاردا 19 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تائىز شەھىرى ئەتراپىدا يەمەن پىرېزىدېنتى مەنسۇر ھادىگە قاراشلىق قىسىملار بىلەن ئىران قوللاۋاتقان شىئە ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش داۋاملاشماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن بىرلەشمە ئارمىيەمۇ تائىزنى قۇتقۇۇش ئۈچۈن  ھۇسىيلارغا قارشى باشلانغان ھۇجۇمغا يېقىندىن ياردەم بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش شەنبە كۈنى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا  باشلانغان  ئىدى.  48 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلى بويىچە ھەر قايسى تەرەپلەر بىر - بىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.

يەمەندە 20 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 40 مىڭغا يېقىن كىشى يارىدار بولدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر