ئامېرىكىدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئىككى ئايرىم ۋەقەدە 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ يەنە بىرى يارىدار بولدى.

615262
ئامېرىكىدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ۋە مىسسۇرى ئىشتاتلىرىدىكى ئىككى ئايرىم ۋەقەدە ساقچىلار ھۇجۇم نىشانى بولدى. 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دەسلەپتە تېكساس ئىشتاتىنىڭ سان ئاتونيو شەھىرىدە ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بىر ساقچى مەمۇرى ساقچى ئىدارىسى ئالدىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ساقچى ئەترىتى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان پەيتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ۋەقە توغدۇرغۇچى ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكىدىن ساقچىغا 2 پاي ئوق ئاتتى. ساقچى مەمۇرى نەچ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ساقچى دائىرىلىرى جىنايەتچىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى. سىن كۆرۈنۈشلىرىدە گۇماندارنىڭ ساقچى مەركىزىگە كىرىۋاتقانلىقى كۆرۈنىدۇ.

يەنە بىر ۋەقە مىسسۇرى ئىشتاتىدا يۈز بەردى. بىر ساقچى مەمۇرى ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدە قاتناش چېرىغىنىڭ يېنىشىنى كۈتۈپ تۇرغان پەيتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. يارىدار بولغان ساقچى مەمۇرى دەرھال بالنېستقا ئېلىندى. ساقچىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقە توغدۇرغۇچى كۆپ خىل جىنايەتلەر تۈپەيلىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشى بولۇپ، ساقچىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نەخ مەيداندا ئۆلتۈرۈلدى.

ۋەقەنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىق تۈسىگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى نامەلۇم.

ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان ئامېرىكىدا ساقچىلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا مۇشۇنىڭ بىلەن جەمئىي 10 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر