رىۋاندادا 800مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىدە قولى بولغان كاتولىك چېركاۋى كەچۈرۈم سورىدى

رىۋاندادا 1994-يىلى 800مىڭ كىشىنىڭ قەتلى قىلىنىشىدا قولى بولغان كاتولىك چېركاۋى رىۋاندا خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

614864
رىۋاندادا 800مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىدە قولى بولغان كاتولىك چېركاۋى كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋاندادا كاتولىك چېركاۋى ئۆزىنىڭ 1994-يىلى 800مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

كاتولىك پوپلار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «چېركاۋنىڭ ئۆتكۈزگەن بارلىق خاتالىقلىرى سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سورايمىز. بارلىق خىرىستىيانلارغا ۋاكالىتەن ئۆتكۈزگەن ھەر قانداق خاتالىقىمىز تۈپەيلى كەچۈرۈم سورايمىز. تەڭرىگە قىلغان قەسىمىنى بۇزغان چېركاۋ ئەزالىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

چېركاۋ ئەزالىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پىلانلاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رول ئوينىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان بۇ باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «نەپرەت جىنايىتىنى دۆلىتىمىزدە سادىر قىلغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بىزنى كەچۈرۈڭلار. بىر ئائىلە بولۇشنىڭ ئورنىغا بىر-بىرىمىزنى قەتلى قىلىشتۇق.»

رىۋاندادىكى كاتولىك چېركاۋى باياناتچىسى پوپ فىلىپىس رۇكامبا مۇنداق دېدى: «بۇ بايانات پوپ فىرانكىسكۇس تەرىپىدىن دۇنيادىكى ۋە چېركاۋدىكى مۇرەسسەچىلىكنى ۋە كەچۈرۈمنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان مۇقەددەس يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئېلان قىلىندى.»

پوپلارنىڭ باياناتىنىڭ رىۋاندادىكى مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىدا مۇھىم رول ئوينىشى كۈتۈلمەكتە.

رىۋاندادا 1994-يىلى پىرېزىدېنت جۇۋېنال ھابيارىماناۋنىڭ ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن ھۇتۇلار بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنىڭ تۇتسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى پاسكال سىمبىكانۋا ئاز سانلىق تۇتسىلەرگە قارشى ھۇجۇم قوزغىغانىدى.

ئىگىلىنىشچە، رىۋاندادا 100كۈن داۋاملاشقان قەتلىئامدا 800مىڭدىن ئارتۇق تۇتسى ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر