ھىندىستاندا ناھايىتى ئېغىر پويىز قازاسى يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان پاتنا ۋە ئىندورې شەھەرلىرى ئارىسىدىكى تۆمۈر يولدا ناھايىتى ئېغىر پويىز قازاسى يۈز بەردى.

614156
ھىندىستاندا ناھايىتى ئېغىر پويىز قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا بىر پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ 91 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 150 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

قورقۇنچلۇق پويىز قازاسى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى پاتنا ۋە ئىندورې شەھەرلىرى ئارىسىدىكى تۆمۈر يولدا مەيدانغا كەلدى؛ 14 ۋاگوننىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن قازادا، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ۋاگونلاردىكى يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان قازانىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، پويىز قازاسىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ قالغان كىشىلەر، پويىزنىڭ نورمال سۈرئەتتە كېتىۋېتىپ بىردىنلا توختىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ۋاگونلارنىڭ بىر – بىرىگە ئۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

باش مىنىستىر نارېندرا مودى  قايغۇسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، ۋەقەدە يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تۆتىنچى تۆمۈر يولى سىستېمىسىغا ئىگە ھىندىستاندا، ھەر كۈنى 20 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم پويىزغا ئولتۇرىدۇ. تۆمۈر يوللىرى يېتەرلىك دەرىجىدە رېمونت قىلىنالمىغان ھىندىستاندا، بۇ خىل قازالار پات – پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

مەزكۇر جايدا ئۆتكەن يىلىمۇ بىر قازا مەيدانغا كېلىپ 39 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 150 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر