فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن 20 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

دائېشقا تەۋە 88 نىشان ۋە پ ك ك/ پ ي د غا تەۋە 6 نىشان بومباردىمان قىلىندى. نەتىجىدە تېررورچىلارنىڭ پاناھجايلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق مەركەزلىرى ۋە قورال – ياراق، ئاپتوموبىللىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.

613899
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن 20 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 88 – كۈنىگە قەدەم قويدى.

بۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا 2 نەپەر قوزغىلاڭچى ئەسكەر يارىدار بولدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د ئەزالىرىدىن 12، دائېش ئەزالىرىدىن 12 بولۇپ، جەمئىي 20 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. دائېشقا تەۋە 88 نىشان ۋە پ ك ك/ پ ي د غا تەۋە 6 نىشان بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسدە، تېررورچىلارنىڭ مۈكىنىدىغان پاناھجايلىرى، مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، قوماندانلىق مەركەزلىرى ۋە قورال – ياراق، ئاپتوموبىللىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە،، قاراتاغ رايونىدا قۇرۇغلۇقتىن قىلىنغان شىددەتلىك ھۇجۇمنىڭ يارىدىمى بىلەن قوزغىلاڭچى قىسىملار 2 مەھەللىنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىپ ئالدى. شۇنداق قىلىپ قوزغىلاڭچى قىسىملار فىرات قالقىنى ھەرىكىتى باشلانغاندىن بېرى جەمئىي 1780 كىۋادرات كېلومېتىر زېمىننىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىغا ئالغان  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق ئولتۇرۇشلۇق 214 مەھەللىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان رايونلاردىكى پارتلاتقۇچ ۋە مىنا تازىلاش خىزمەتلىرى جەريانىدا تەخمىنەن 1000 غا يېقىن مىنا ۋە 50 ئەتراپىدا قولدا ياسىۋىلىنغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى.

فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىنىپ بۈگۈنگە قەدەر كۆپىنچىسى توزاق قۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن  40 مىنا ۋە 1637 قولدا ياسالغان بومبا كونتىروللۇق ھالدا پاچاقلاپ تاشلاندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر