ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 4 كىشى قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 4 كىشى قازا قىلدى.

611532
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 4 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پۇل مەھمۇد خان رايونىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، زوراۋان ئۈستىگە تېڭىۋاالغان بومبىنى پارتلاتقان.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان تىزگىنەك بىلەن پارتلىتىلغان.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر