ئەردوغان پاكىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىندى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاكىستاندا باش مىنىستىر نااۋاز شېرىف قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

612043
ئەردوغان پاكىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەردوغان ئىسلامئابنادتىكى نۇر خان ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىشىدا، پاكىستان باش مىنىستىرى نااۋاز شېرىف، باش مىنىستىرنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىىتى مەسلىھەتچىسى سەرتاج ئەزىز، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خۋاجە مۇھەممەد ئاسىف، پاكىستان مۇراسىم ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ساھىبزادە ئەھمەدخان، تۈركىيەنىڭ ئىسلامئاباد باش ئەلچىسى بابۇر گىرگىن ۋە رەپىقىسى ئاسلى گىرگىن، تۈركىيەنىڭ كاراچى باش كونسۇلى مۇرات مۇستافا ئونارت قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

ئەردوغانغا پاكىستان زىيارىتىدە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، مۇئاۋىن باش مىنىستىرلاردىن ۋەيسى قايناق بىلەن تۇغرۇل تۈركەش، تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۇل سايان قايا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي  بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتارلىقلار ھەمراھ بولماقتا.

زىيارىتى 2 كۈن داۋاملىشىدىغان ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى نااۋاز شېرىف ۋە پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالىندۇ. كېيىنچە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەردوغان تۈركىيە ۋە پاكىستان شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ ھەمدە پاكىستان پارلامېنتى ۋە پالاتاسىغا خىتاب  قىلىدۇ، پايتەخت ئىسلامئابادتىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن لاھورغا ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر