تىرامپ بىلەن پۇتىن كۆرۈشتى

ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپقا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى.

610712
تىرامپ بىلەن پۇتىن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە پۇتىن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان دونالد تىرامپنى تەبرىكلەپ، يېڭى ھاكمىيەت بىلەن دىئالوگ ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېتەرلىك سەۋىيەدە ئەمەسلىكىنى ئېيتقان پۇتىن بىلەن تىرامپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىردەك تەكىتلەشتى.

سۈرىيە كىرىزىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان كۆرۈشۈشتە، ئىككى رەھبەر «بىرىنچى نومۇرلۇق ئورتاق دۈشمەن بولغان خەلقئارا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش»قىلىشتا ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتى.

كىرمېلدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پۇتىن بىلەن تىرامپ تېلېفوندا داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرۇش ۋە  كېيىنچە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە پۇرسەت يارىتىش ئۈچۈنمۇ كېلىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر