«پەلەستىننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئەرەفاتنىڭ قاتىللىرى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ»

پەلەستىننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ياسىر ئەرەفات زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟

609042
«پەلەستىننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئەرەفاتنىڭ قاتىللىرى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئەرەفاتنىڭ گۇمانلىق ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پەلەستىننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ئەرەفاتنىڭ قاتىللىرىنى يېقىندا ئېلان قىلىمىز. پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت ھەيران قالىدۇ» دېدى.

ئابباس ئەرەفات ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 12 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن  فەتىھ ھەرىكىتى تەرىپىدىن راماللاھتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، «مەن ئەرەفاتنىڭ قاتىللىرىنى ناھايتى ئوبدان بىلىمەن. بىراق مېنىڭ گۇۋاھلىقىم يېتەرلىك ئەمەس. تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ چىقىشىغا توغرا كېلىدۇ. قاتىللارنىڭ كىملىكىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىمىز» دېدى.

پەلەستىننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى رەھبىرى ياسىر ئەرەفات 2014 – يىلى 11 – نويابىر كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى پېرسىي ھەربىي دوختۇرخانىسىدا ۋاپات بولغانىدى.

كېيىنچە، ئەرەفاتنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە زەھەرلىك بىر ماددىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر