ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپ ئالدىغا ئۆتتى

8-نويابىر (سەيشەنبە) ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى دونالد ترامپ ئەلرايى نەتىجىلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە ھىلارى كلىنتوننىڭ ئالدىغا ئۆتتى.

606752
ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپ ئالدىغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8-نويابىر باشلانغان ئامېرىكا سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ، فلورىدا، ئوخايو، شىمالىي كارولىنا، ئىيوۋا قاتارلىق مۇھىم ئىشتاتلاردا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ، ۋەكىل سانىنى 254 كە چىقاردى. بېلەت ساناش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دېموكراتلارنىڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون كالىفورنىيە، نېۋادا ئىشتاتىدا غەلىبە قىلدى ۋە ۋەكىل سانىنى 215 كە چىقاردى. ئامېرىكا سايلىمىدا كىم سايلام كېڭىشىدىكى 538 ۋەكىلدىن 270 نى قولغا ئالسا، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتقان بولىدۇ. سايلامدىن بۇرۇن تاراتقۇلاردىكى تەخمىنلەر %85 ھىلارى كلىنتوننىڭ ئۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىدى، بىراق ھازىر دونالد ترامپنىڭ كۈتۈلمىگەن شەكىلدە يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ قېتىمقى سايلامدا، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر قىسمى ئېنىقلىشىدۇ. ئاۋام پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. كېڭەش پالاتاسىدا بولسا، ئالتە يىلدىن بۇيان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ، بۇ قېتىممۇ ئورنىنى ساقلاپ قىلىشى مۆلچەرلەندى.

بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا سايلىمى قانغا بويالدى. كالىفورنىيەدىكى بېلەت تاشلاش مەركىزىگە يېقىن جايدا بىر كىشىنىڭ ئوق چىقىرغانلىقى ۋە ۋەقەدە بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ساقچى دائىرىلىرى ھۇجۇمچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر