ترامپ سايلام غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى خالايدىغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ياخشى ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

606940
ترامپ سايلام غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ سايلام نەتىجىسى جەزملەشكەندىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى، لېكىن، دۈشمەنلىك ئەمەس دوستلۇق، توقۇنۇش ئەمەس شېرىكچىلىكنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتى بولىمەن» دېگەن ترامپ، ھەر بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ھەقىقىي ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى، دۆلىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىدىغانلىقىنى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ ياخشىدىن تۆۋەن ھېچبىر نەرسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى» قەيت قىلدى.

دېموكراتچىلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن دونالد ترامپ، سۆزلىرىنى پۈتكۈل ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا ۋە سايلىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتقان ھالدا ئاخىرلاشتۇردى.

بۇ جەرياندا ھىلارى كىلىنتوننىڭ بۈگۈن بايانات بەرمەيدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر