ناتو باش كاتىپى: ترامپ بىلەن تونۇشۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ترامپ بىلەن تونۇشۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

607311
ناتو باش كاتىپى: ترامپ بىلەن تونۇشۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەبرىكلەر كېلىشكە باشلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ترامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

كرېمل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، پۇتىن تەبرىك تېلېگراممىسىدا، رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش، يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە چارە ئىزدەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە بىر – بىرىنىڭ شارائىتىنى نەزەردە تۇتۇش پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا مۆتىدىل دىيالۇگ ئورنىتىشنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپقا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن.

رۇس سېلىنما فوندىنىڭ مەسئۇلى كىرىل دىمىترىيېۋ ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق سۈركىلىشلەرنى ئازايتىشتا تۈرتكلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋون دېر لېيېن بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى. دەرۋەقە، سايلىغۇچىلارنىڭ ترامپقا ئەمەس، مەۋجۇت تۈزۈمگە قارشى ئۆزىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ترامپقىمۇ بەش قولدەك ئايان.»

فىرانسىيە ئاشقۇن ئوڭچىل مىللىي ئالدىنقى سېپىنىڭ رەھبىرى مارىنە لې پېن ترامپنى تۇنجى تەبرىكلىگەن لىدېر بولدى.

فىرانسىيەنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئاراۋند بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «بۇ سايلامدىن كېيىن كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، كۆز ئالدىمىزدا بىر دۇنيا ۋەيران بولۇۋاتىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتنىڭ باشلىقى  جېن كلود يانكېرمۇ ترامپنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند ترامپنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئېنىقسىزلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپانى ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بىرلىككە چاقىردى.

گوللاندىيەدىكى ئىسلامغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە دۈشمەنلىك قىلىدىغان ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەنىڭ رەھبىرى گېرت ۋىلدىرس، ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «ترامپنىڭ غەلىبىسى تارىخىي زەپەر، مىسلىسىز ئىنقىلاب» دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ترامپنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيەمۇ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ۋاشىنگتونغا ھەيئەت ئەۋەتىشكە تەييارلانماقتا.

ياۋروپادىن كەلگەن تۇنجى رەسمىي باياناتلار بىۋاسىتە تبەرىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئالي ۋەكىلى فرېدېرىكا موغېرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش توربىتىدىكى سەھبىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىز ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك شتاينمايېر، «ترامپنىڭ غەلىبىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ ترامپنى تەبرىكلىدى.

ياۋروپا پارلامېتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلز ترامپنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قولاي بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ترامپنىڭ يۈدرو كېلىشىمىدە ئارقىغا چېكىنەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇ «ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقىي دوستى» دەپ كېلىۋاتقان ترامپنى تەبرىكلىدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ترامپنى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

خىتايمۇ ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھىندىستاندا ئاشقۇن ئوڭچىل بىر گۇرۇپپا ترامپنىڭ سايلام غەلىبىسىنى پايتەخت يېڭى دېلھىدە ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق تەبرىكلىدى.

ۋاتىكان پىرېزىدېنتىنىڭ كاتىپى كاردىنال پېترو پارولىن ئامېرىكىنىڭ 45 – پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ترامپنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەڭرىنىڭ نۇر ئاتا قىلىشى ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا خىزمەت قىلىشقا نېسىپ قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر