نامايىشچىلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى

گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىدە بىر تۈركۈم نامايىشچىلار، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 15 – ئىيۇلدا گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى.

606944
نامايىشچىلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن 15 تەك كىشى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا قارىماي كونسۇلخانىغا كىرىپ، ئامېرىكىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى، پىلاكاتلارنى ئاچتى. ئارقىدىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن سىرتقا چىقىرىلغان مەزكۇر كىشىلەردىن ئالتىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ئۆزلىرىنى ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىب قىلغۇچىلار، دەپ ئاتىغان <رۇبىكوم> گۇرۇپپىسى ئەزاسى مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ئارقىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىب قىلغۇچى گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، قوللىغۇچىلىرىنى ئوبامانىڭ گىرېتسىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 15 – نويابىردا ئافېنادا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر