ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى كىچىك ئۆسمۈرلەرگە قاماق جازاسى بەرمەكتە

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى.

606233
ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى كىچىك ئۆسمۈرلەرگە قاماق جازاسى بەرمەكتە
Ahmed Manasıra.jpg

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى 14 ياشلىق پەلەستىنلىك ئۆسمۈرگە قاماق جازاسى بەردى.

ئەھمەد مانسىرا ئىسىملىق ئۆسمۈر پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان دېگەن ئەيىبلەش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

بىر نەۋرە قېرىنداشلاردىن بولغان ئەھمەد بىلەن ھەسەن 12 – ئۆكتەبىردە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئوققا تۇتۇلغان ئىدى.

ھەسەن نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەھمەد بولسا، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەھمەد شۇ كۈندىن بۇيان قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى.

ئەھمەدنى سوت قىلىش جەريانىدا  ئۇنىڭغا قىلىنغان ھاقارەتلەرمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس پەيدا قىلدى.

ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن 14 ياشلىق ئەھمەد تۈرمىگە يوللاندى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەھمەدگە 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىگە قارىتا  «ئادالەتسىز بىر قارار» دەپ باھا بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر