ئەسەد قىسىملىرى يەنە نارىسىدىلەرنى قىرغىن قىلدى

ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىب شەھىرىدە ئولتۇراق رايونلارنى بومباردىمان قىلىپ 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

606345
ئەسەد قىسىملىرى يەنە نارىسىدىلەرنى قىرغىن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 7سى بالا بولۇپ جەمئىي 9 ئادەم ئۆلدى.

خەلق مۇداپىئە ئەترىتى مەسئۇلى ئۆمەر ئۇلۋان، بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ خان شەيخۇن ناھىيەسىدىكى ئولتۇراق  رايونلارنى بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا 7سى بالا بولۇپ جەمئىي 9ئادەم ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.

«ئەسەد قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىننىش ناھىيەسىدىمۇ ئولتۇراق رايونلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى»دېگە ئۇلۋان، بۇ ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ پۇقرالار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يارىلانغانلارنىڭ رايوندىكى كۆچمە دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئۇلۋان، ھۇجۇملاردا نۇرغۇن بىنانىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر