خىتاينىڭ رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى دوراپ ياساۋاتقانلىقى ئاشكارە بولۇپ قالدى

خىتاينىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تەقلىد قىلىپ ياساش مەقسىتىدە رۇسىيەدىن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

605870
خىتاينىڭ رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى دوراپ ياساۋاتقانلىقى ئاشكارە بولۇپ قالدى

تۈركىيەدىكى «يېڭى شاپاك»گېزىتى ، خىتاينىڭ رۇسىيەدىن «تەقلىد قىلىپ ياساش»مەقسىتىدە ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

National Interest خىتاينىڭ ناھايىتى ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنىڭ J-20  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھېلىھەم ئىلغار رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختاتمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. موسكوۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە قارىغاندا، رۇسىيە يىل ئاخىرىغىچە خىتايغا 4 يۈرۈش su-35 تىپلىق ئايروپىلانى بىلەن 3 يىل ئىچىدە 2 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئايروپىلان ئەۋەتىدىكەن. بىراق خىتايغا بۇرۇن ئەۋەتىلگەن ئايروپىلانلارنى خىتاي دائىرلىرىنىڭ تەقىد قىلىپ ياسىغانلىقى ئاشكارە بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە su-35 تىپلىق تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قوغداش كېلىشىمى تەييارلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى.

ئىلگىرىمۇ خىتاي شېنياڭ  J-11 ، J-15 ۋە J-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ياساش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ تىپتىكى ئايروپىلانلارنىڭ كونا مودېللىرىنىڭ ئوخشىشىنى ياساپ چىققانىدى. مۇتەخەسىسلەر J-20 يېڭى تىپلىق ئايروپىلاننىڭ نۇرغۇن جەھەتتە Su-35 گە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

National Interest ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ ئەكسىچە، بېيجىڭنىڭ  رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە تېخنولوگىيەسىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلاردا مۇنداق دېيىلدى: «نۆۋەتتە خىتاي ئىشەنچىلىك موتور لايىھەلىرى روياپا چىقىرىشتىن تولىمۇ ئاجىز. شۇڭا بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ يېڭى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈپىتىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ. ھېچ بولمىغاندا J-20 تىپلىق ئايروپىلان بېيجىڭ دائىرلىرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بولسا ئىدى، Su-35 تىپلىق ئايروپىلانلار ئۈچۈن توختام تۈزۈشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر