ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى راققە ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر، سۇرىيەنىڭ راققە شەھىرىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

605339
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى راققە ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر، راققەنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئارقىدىن قۇتقۇزۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ خەلقئارا بىرلەشمە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەرىكەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق قەدىمىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئامېرىكىلىق مىنىستىر، ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىكىگە ئوخشاشلا راققەدىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭمۇ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئاشتون كارتېر باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ راققەنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قايسى شەكىلدە قوللاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىدى.

سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى، راققە شەھىرىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە «فىراتنىڭ غەزىپى» دېگەن نام ئاستىدا تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) ھەرىكەت باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر