ئەسەد قىسىملىرى بىر يەسلىنى بومباردىمان قىلىپ 8 نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە توپچى ئەترەتلەر دەمەشىقتىكى بىر يەسلىنى بومباردىمان قىلىپ 9 بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

604942
ئەسەد قىسىملىرى بىر يەسلىنى بومباردىمان قىلىپ 8 نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
suriye çocuklar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە ئەسەد قىسىملىرى بىر يەسلىنى بومباردىمان قىلىپ 8 بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 15 بالىنى يارىلاندۇردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە توپچى قىسىملار دەمەشىقتە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ھارەستان رايونىدا بۇنەت ئەل مۇستاقبەل يەسلىسىنى بومباردىمان قىلدى.

توپ ئوقى يەسلى باغچىسىغا دەم ئېلىش سائىتىدە چۈشتى.

بومباردىماندا يارىلانغانلار رايوندىكى كۆچمە دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىندى. رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئۇرۇم رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوننى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 3 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

خەلق مۇداپىئە ئەترەتلىرى بومباردىمانلاردا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرىدىن نۇرغۇن ئادەمنى چىقاردى.

سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ پايتەختنىڭ ھامۇراىيە رايونىنى بومباردىمان قىلدى.

بۇ ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر