خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرگە مەركەزلەشتى

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى 8 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ قايسى نامزاتنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.

605073
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرگە مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا تەنلىك پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، قارا تەنلىكلەرنىڭ 8 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئاق تەنلىك ھىلارى كىلىنتون ياكى ئىرقچى باياناتلىرى بىلەن دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان دونالد ترامپنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ.

باراك ئوباما بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى «ئىسلاھات» ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغىنىدا، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت «قارا تەنلىكلەرگە نىسبەتەن ئۆزگىچە بىر دەۋر باشلىنىشى مۇمكىن» دەپ قارىغانىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى. ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قارتقان زوراۋانلىقلىرى پات – پات ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنىپ تۇردى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا جامائەتچىلىكى يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى توغرۇلۇق قىزغىن بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا.

ئىرقىي ئايرىمچىلىق نۆۋەتتە قارا تەنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، پىرېزىدېنت نامزاتى ترامپنىڭ قارا تەنلىكلەر نىشان قىلىنغان باياناتلىرىمۇ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەكتە.

بۇ، ئامېرىكىلىق قارا تەنلىكلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىرېزىدېنت سايلىمىدا تاللاش يولىنىڭ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ھىلارى كىلىنتون سايلام رىقابىتى  جەريانىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ بولۇپمۇ پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.

دەرۋەقە، ئوباما سايلام رىقابىتى جەريانىدا. «قارا تەنلىكلەر ترامپنى قوللاپ ئاۋاز بەرسە، بۇنى ماڭا ھاقارەت قىلغانلىق دەپ قارايمەن» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، قارا تەنكلەرنى ھىلارى كىلىنتوننى قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە چاقىرغانىدى.

دۇنياغا داڭلىق سەنئەتچى Beyonce  ۋە ئۇنىڭ يولدىشى Jay Z مۇ ھىلارى كىلىنتوننى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

«قىزىم چوڭ بولغاندا دۆلەتنى بىر ئايالنىڭ باشقۇرغانلىقىنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن Beyonce   ئوھايئودا مىڭلارچە كىشىگە خىتاب قىلغان سەھنىنى ھىلارى كىلىنتون بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر