ئامېرىكا شىئە ھەشدۇش شائبى تەشكىلاتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىمىزدىن ئۆتەلىگەنلەر قوللىشىمىزغا ئېرىشەلەيدۇ، بىراق بۇ شىئە ھەشدۇششەئبى تەشكىلاتىدىن باشقىسى» دېدى.

602730
ئامېرىكا شىئە ھەشدۇش شائبى تەشكىلاتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يۈز بېشى جېف داۋىس، شىئە ھەشدۇش شائبى تەشكىلاتى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ كونتېروللۇقى ۋە قوماندانلىقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچىسى جېف داۋىس بەش بۈرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئىراقتىكى دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە شىئە مىلىتانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى ھەققىدە توختالدى. ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى شىئە گۇرۇپپىلارنى قوللاشتەك ھېچبىر پىلانى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ، «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشلىرىمىزدىن ئۆتەلىگەنلەر قوللىشىمىزغا ئېرىشەلەيدۇ، بىراق بۇ تەشكىلاتتىن باشقىسى» دېدى.

جېف داۋىس شىئە مىلىتانلارنىڭ مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدا، شەھەرنىڭ غەرىبىي قىسمىدىن 63 كېلومېتىر يېراقلىقتىكى تەلافەرگە قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «نۆۋەتتىكى باسقۇچتا تەلافەرگە يېتىپ بارالىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن مۇساپە بار» دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر