باغدادىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋاز لېنتىسى ئېلان قىلىندى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى لىدىرى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادى، بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

603130
باغدادىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋاز لېنتىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Independent» گېزىتى تۈنۈگۈنكى بىر مەخسۇس خەۋىرى ئارقىلىق مۇسۇلغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دائېش لىدىرى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادى، سەككىز ئايلىق سۈكۈتىگە بىر ئاۋاز لېنتىسى ئارقىلىق خاتىمە بەردى؛ رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان، راست – يالغانلىقى ھازىرچە جەزملەشتۈرۈلەلمىگەن 31 مىنۇتلۇق ئۈنئالغۇ لېنتىسىدا، باغدادى بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇسۇلدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇسۇلدا زەپەر قۇچىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، نىنوۋا ئۆلكىسىدىكىلەرنى «ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش» قا چاقىردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى لىدىرى باغدادى، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىلىرىدىن ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ھەر خىل تەھدىتلەرنى سالدى. ئۇ، «كاپىر» دەپ ئاتىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىمۇ چاقىرىق قىلدى.

باغدادىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى ئاۋاز لېنتىسى 2015 – يىلى دېكابىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇنىڭدا، رۇسىيە ھاۋا ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمىنىڭ دائېشنى ئاجىزلىتالمىغانلىقىغا دائىر ئىبارىلەر ئورۇن ئالغانىدى.

باغدادى خەلىپىلىكنى ئېلان قىلغان مۇسۇل شەھىرى، 2014 – يىلى ئىيۇندىن بۇيان تەشكىلاتنىڭ قەلئەسى ھېسابلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر