ب د ت بىرمانى ئاراكاندىكى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى
ب د ت ، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكان (راخىنې) ئۆلكىسىدىكى پوزىتسىيەسى يۈزىسىدىن 150 مىڭ كىشىگە ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايونغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
602737
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانىي ئىشلار كوردىناتسىيە ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، ب د ت ھەيئىتىنىڭ ئاراكاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن جايلاردا ئىككى كۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن 9 – ئۆكتەبىردىن بۇيان رايونغا ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، 3 مىڭدىن ئارتۇق بالىغا <پەۋقۇلئاددە ئوزۇقلۇق يېتەرسىزلىكى> دىياگنوزى قويۇلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ب د ت نىڭ رايونغا توسالغۇسىز كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى تەلەپ قىلغانلىقى، شۇنداق بولغاندىلا ئېھتىياجلىق نەرسىلەر نەق مەيداندا ئېنىقلىنىپ، ئىنسانىي ياردەملەر ۋە تېببىي لازىمەتلىكلەرنىڭ موھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.